分享
分销 收藏 举报 申诉 / 10
播放页_导航下方通栏广告

类型星星变作曲.doc

  • 上传人:仙人****88
  • 文档编号:11263874
  • 上传时间:2025-07-12
  • 格式:DOC
  • 页数:10
  • 大小:96KB
  • 下载积分:10 金币
  • 播放页_非在线预览资源立即下载上方广告
    配套讲稿:

    如PPT文件的首页显示word图标,表示该PPT已包含配套word讲稿。双击word图标可打开word文档。

    特殊限制:

    部分文档作品中含有的国旗、国徽等图片,仅作为作品整体效果示例展示,禁止商用。设计者仅对作品中独创性部分享有著作权。

    关 键  词:
    星星 作曲
    资源描述:
    7. يۇلتۇزلار سىمپونىيەسى Ⅰئوقۇ-ئوقۇتۇش نىشانى 1. شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇش. 2. شېئىرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئاساسى مەزمۇنىنى ئىگىلەش. 3. شېئىردىكى يېڭى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاىستىلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئىگىلەپ، تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. 4. شېئىرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، شېئىردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. 5. ئوقۇغۇچىلاردا ھاياتنى قەدىرلەش، تەبىئەتنى سۆيۈش، كېلەچەككە ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن قاراش تەربىيىسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە توغرا قىممەت قارىشى تىكلىشىگە ياردەم بېرىش. 6. شېئىرنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئاساسى ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىۋېلىش. Ⅱ شېئىرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى شائېر 10 يىللىق «مەدەنىيەت زور ئېنقىلابىنى» ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ بالايى-ئاپەتلىك يىللاردا كىشىلىك قەدىر-قىممەتنىڭ، كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شائىرنىڭ تازا قىران ياشلىق دەۋرى دەل «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ بوران-چاپقۇنلۇق يىللىرىدا ئۆتكەن. ئۇنىڭ ياشلىق قەلبىدە ئەشۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى قالغان. شائىر ئەشۇ قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك دەۋرنى ئەسلەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تارتقان دەرت-ھەسرىتى بىلەن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەپ بۇ شېئىرنى يازغان. شۇڭا بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ شېرىن چۈشى دېيىشكە بولىدۇ. 1976-يىلى ئىلىمىزدە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن جوڭگو زېمىنىدا ھۆكۈم سۈرگەن 10 يىللىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا خاتىمە بېرىلدى. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بۇ 10 يىل مابەينىدە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان خاتا ئەنزىلەر ئارقا-ئارقىنىدىن ئاقلىنىشقا باشلىدى. «توققۇزىنچى سېسىق» دەپ ھاقارەتلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس «ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» تەسىس قىلىندى، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە قەدىر-قىممىتى ئالاھىدە ئېتىۋارغا ئېلىندى. نۇرغۇنلىغان زىيالىلارنىڭ باشلىرىدىكى ھەر خىل تۆھمەت قالپاقلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ شەرەپلىك ناملىرى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھەممىدە كىشىلەرنىڭ سىنىپىي تەركىبىنى ئاساس قىلىدىغان، كىشىلەر قانچە نامرات، سىنىپ تەركىبى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشى دەيدىغان خاتا سىياسەت ئۈزۈل-كېسىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بىر تال يىڭنە ساتسىمۇ «كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئۇنسۇر» دەپ قاتتىق چەكلىنىدىغان سودا-تىجارەت ئىشلىرى ئاستا-ئاستا يولغا قويۇلدى. يېزىلاردا يەرلەر دېھقانلارغا كۆتىرە بېرىلىپ، كوللىكتىپ ئىگىلىك پارچىلاندى. يەككە شەخسىي ئىگىلىكنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ياخشى شەرت-شارائىتلار يارىتىلدى. ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى... دېمەك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر ساھە، ھەر خىل كەسىپلەردە «بارچە گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار تەڭ سايراش» تەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت مەيدانغا كەلدى. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا، پۈتۈن مىللەت ھەم دۆلەتكە ئوخشاش، ھەربىر شەخىسنىڭ تەغدىرى، ھېسسىياتى، ئادىمىيلىكى تېخى ئەمدىلا بىر قېتىملىق زور ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ، ئازاپقا تولغان ئەشۇ كۆڭۈلسىز خاتىرىلەرنى ئېلىپ، يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. شائىر جەمئىيەتە شۇنداق بىر زور بۇرۇلۇش بولۇۋاتقان تارىخىي دەۋردە تۇرۇپ، ئۆز غايىسىدىكى يورۇق ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ «يۇلتۇزلار سىمفونىيەسى» ناملىق بۇ شېئىرنى يازغان. Ⅲ تېكىست تەھلىلى شائىر شېئىردا كۆكتىكى ھەر بىر يۇلتۇزنى يەر شارىدىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ سىمۋۇلى دەپ قارىغان. شائىر مەيلى قانداق دۆلەت، قانداق مىللەت، قانداق جەمئىيەتتە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئىنسان مۇئەييەن بىر دەۋرنىڭ ئىلكىدە ياشايدۇ. شۇڭا ھەر بىر دەۋرنىڭ تەغدىرىمۇ مۇئەييەن سىياسى ئىجتىمائى تۈزۈمنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. سىياسى ئىجتىمائى تۈزۈمنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ھەر بىر دەۋرنىڭ، جۈملىدىن ھەر بىر ئىنسان تەغدىرىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا سىياسى ئىجتىمائى تۈزۈم دەۋرنىڭ قۇياشى بولسا، دەۋر ئىنساننىڭ قۇياشىدۇر. دەۋر قۇياشى ئىنسان ئۈچۈن يورۇقلۇق ۋە ھارارەت ئاتا قىلامىغاندا، ئىنسان ئامالسىز ئۆزىدىن شۇنچە يىراق جايدىكى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئارانلا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردىن يورۇقلۇق ۋە ھارارەت ئىزدەشكە مۇھتاج بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا شائىر ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقتىن شاد-خوراملىق ۋە روھىي تەسەللىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن: «نۇرغا چۆمسە ئەگەر پۈتكۈل يەر-زېمىن، كىم يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇپ تەلپۈنەر. كىم تەسەللى ئىزدەپ چەكسىز يىراقتىن، تۈن قوينىدا بوشلۇق تامان تەلمۈرەر». دەپ يېزىپ، ئادەملەرنىڭ يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇشىدىكى سەۋەبنى يوشۇرۇن رەۋىشتە ئىپادىلىگەن. دېمەك، شېئىردا جەمئىيەت مېھىر-مۇھەببەتكە تولسا، ھەممە ئادەم بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلىسە، كىشىلىك قەدىر-قىممەت قەدىرلەنسە، كىممۇ بەخت ئىزدەپ، يىراقلارغا تەلمۈرۈپ يۈرىدۇ، دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن. مانا بۇ شائىرنىڭ بۇ شېئىرنى يېزىشىدىكى ئاساسى سەۋەب. شېئىردا سىمۋۇللۇق مەنىگە ئىگە نۇرغۇن سۆز-جۈملىلەر بار. بۇ سۆز-جۈملىلەرنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن مەنە قاتلىمىغا ئىگە. شۇڭا شېئردكى ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنى چۈشىنىش ھەم توغرا تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى، ئاپتورنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە شېئىرنىڭ يېزىلىشىدىكى سەۋەبنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەردە يۇلتۇز «بەخت-سائادەت» نىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزى تەلپۈنگەن ھەم ئېرىشمەكچى بولغان ئەڭ ئالى نەرسىسىنى كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆز يارىنى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز ياكى يىگىتنى، ئېرىشمەكچى بولغان بەخت-سائادەتنى، شۇنداقلا بۇخت-سائادەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۆرلۈكنى، يورۇقلۇقنى، ھەقىقەتنى، كېلەچەكنى ۋە باشقا بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانللارنىڭ ھەمىسىنى كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. دېمەك، يۇلتۇز كىشىلەرنىڭ رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولغان غايىۋى دۇنياسى بولۇپ، «يۇلتۇز سىمپونىيەسى» ناملىق شېئىردىكى «يۇلتۇز» مۇ يورۇقلۇققا، ئەركىن، بەختىيار ھاياتقا، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرگە سىمۋول قىلىنغان. بۇ شېئىر جەمئى 8 كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەربرى كۇپلېتتا ئىپادىلەنگەن ئىىيەۋى مەزمۇننى تۆۋەندىكىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. بىرىنچى كۇپلېتتا: ئەگەر بىز مۇھتاج بولغان يورۇقلۇق(نۇر) ئۆزىمىز ياشاۋاتقان زېمىننىڭ ئۆزىدە بولسا، كىممۇ يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ، چەكسىز يىراققتىن يورۇقلۇق ئىزدەپ ئاۋارە بولار، دەپ يېزىلغان. بۇنىڭ مەنىسى: تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆزىدە خوشاللىق ۋە بەخت-سائادەت بولسا، ئۇنى باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئىككىنچى كۇپلېتتا: ھەربىر كۈنىمىز گۈزەل بىر شېئىرغا ئايلانسا، ئۇ شېئىرنىڭ ھەربىر سۆزى بىر يۇلتۇز بولۇپ، خۇددى ھەسەل ھەرىسىدەك قەلبىمىزدە تىترەپ تەۋرىنىپ تۇرسا، كىممۇ بۇ ھاياتتىن رازى بولماس دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىكى «ھەربىر كۈننىڭ گۈزەل بىر شېئىرغا ئايلىنىشى» بولسا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئىخىتىيارىدىكى گۈزەل ھەم رومانتىك دۇنياسى بويىچە ياشاش ئىستىكىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ھايات يەنە تەۋرىنىپ تۇرغان ھەسەل ھەرىسى بىلەن باغلىنىپ، ھاياتنىڭ تېخىمۇ شېرىن، تېخىمۇ قىممەتلىك بولۇشىدىن ئىبارەت ئارزۇ-ئۈمىد ئەكس ئەتۈرۈلگەن. ئۈچىنچى كۇپلېتتا: ھەربىر كېچە يۇمرانلىشىپ زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆلگە ئايلانسا، كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلار پاقىراق قوڭغۇزلار بىلەن قوشۇلۇپ كۆلدىكى نىلوپەر ئارىسىغا چۈشۈپ چاقناپ تۇرسا، كىممۇ بۇنداق گۈزەل ھاياتتتىن رازى بولماس، دەپ يازغان. بۇ يەردىكى «كۆل، نىلوپەر ۋە پاقىراق قوڭغۇزلار» رېئال ھاياتقا، رېئال ھاياتتىكى ئاددىي نەزىلەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئەنە شۇ رېئال ھاياتنىڭ ئۆزىدە بولسا، بۇ ھايات نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى، دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن. چۈنكى ئارزۇ دېگەن تېخى رېئاللىققا ئايلانمىغان ۋاقىتتىلا گۈزەل ھەم قىممەتلىك بولىدۇ، رىئاللىققا ئايلانغان ھامان خۇددى پاقىراق قوڭغۇزدەك چاقناپ تۇرسىمۇ، ئىلگىرىكىدەك جەلىپكار بولالمايدۇ. تۆتىنچى كۇپلېتتا: باھاردا دەل-دەرەخلەردىكى قۇشلار خۇددى كۆكتىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسا، پۈتۈن دالىلاردا شېرىنگۈللەر ئېچىلىپ، يىراقلاردىن نۇرلۇق كۈي-ناۋالار ئاڭلىنىپ تۇرسا، كىممۇ بۇنداق ھاياتتىن رازى بولماس، دەپ يازغان. بۇ يەردىكى «قۇشلار، ئورمانلار، شېرىنگۈللەر، نۇرلۇق كۈي-ناۋالار» نىڭ ھەممىسى رېئال ھاياتقا، رېئال ھاياتتىكى ئەمەلىي نەرسىلەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، يەنىلا ئارزۇ ئۈمىدنىڭ سىمۋولى بولغان يۇلتۇزلارغا باغلىنىپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان. بەشىنچى كۇپلېتتا: «ئەگەر بىز مۇھتاج بولغان يورۇقلۇق(نۇر) ئۆزىمىز ياشاۋاتقان زېمىننىڭ ئۆزىدە بولسا، كىممۇ يۇلتۇزلارغا تەلمۈرۈپ، چەكسىز يىراققتىن يورۇقلۇق ئىزدەپ ئاۋارە بولار» دەپ يېزىلغان. بۇنىڭ مەنىسى: ئەگەر جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق يېىرىدە ئادالەت ھۆكۈم سۈرسە، ئەركىن بەختىيار تۇرمۇش كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئۇ چاغدا باشقا جايلاردىن ئۈمىد ۋە تەسەللى ئىزدەپ يۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى بولايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ئالتىنچى كۇپلېتتا: «شائىرلارنىڭ يىللاپ دەرت-ھەسرەت بىلەن تولغان شېئىرلارنى يېزىشى» نى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىققا بولغان كۈچلۈك نارازىلىق ھېسسىياتىنىڭ ئوبرازلىق ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ. «ھەربىر شېئىرنىڭ مۇدھىش قار-مۇزلار ئىچىدە توڭلاپ، خۇددى تىترەۋاتقان يۇلتۇزغا ئايلىنىشى»نى بولسا، شائىر ئىنكاس قىلىۋاتقان جەمئىيەت رېئاللىقىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقۇلۇپ،گۈزەل بەختىيار تۇرمۇشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ھەققىدىكى ئارزۇ-ئۈمىد، دېيىشكە بولىدۇ. يەتتىنچى كۇپلېتتا: «زۇلمەت باسقان قاراڭغۇ تۈننىڭ، خۇددى قاقاس زېمىنغا ئوخشاش توڭلىشى» ئالدىنقى كۇپلېتتىكى «زۇلۇم ۋە ئازاپ-ئوقۇبەت تۇيغۇسى» نى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرغان. «قاراڭغۇ تۈن» بىلەن «قاقاس زېمىننىڭ توڭلىشى» دېگەن تەسۋىرلەردىكى ئىدىيە ۋە ھېسسىيات ئىستىرولۇق شەكىلدە ناھايىتى ئوبراشلاشتۇرۇلۇپ ئىپادىلەنگەن. «بوراننىڭ ئورۇق يولتۇزلارنى كۆك ئاسماندىن بىر-بىرلەپ قوغلىشى» بولسا، «ئارزۇ-ئۈمىد»نىڭ سىمۋولى بولغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇقلاپ، كۈچ-ماغدۇرىدىن كېتىپ، ھاياتى كۈچىنى يوقاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا «يۇلتۇزلار»نىڭ ئورۇقلاپ كېتىشى، ئەمەلىيەتتە، «ئارزۇ-ئۈمىد» نىڭ ئورۇقلاپ كېتىشىدۇر. سەككىزىنچى كۇپلېتتا: «تۇغ-ئەلەملەر لەپىلدەپ جەۋلان قىلسا، ئوتتۇن يۇلتۇز يارالسا، ئاسماندىكى سانسىز ھارغىن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى قۇياش چىقماس يەرلەرگە تارالسا، كىممۇ شات-خوراملىققا چۆممىسۇن» دېگەن سۆز-جۈملىلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر مەنە سىڭدۈرۈلگەن. مەسىلەن: «تۇغ-ئەلەملەرنىڭ لەپىلدىشى» بولسا، يېڭى بىر دەۋىرگە، يېڭى بىر سىياسى تۈزۈمگە سىمۋول قىلىنغان. «ئوتتۇن يۇلتۇزنىڭ يارىتىلىشى»بولسا شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ-ئۈزمۈدلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەققىدىكى غايىۋى ئېنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن. «ئاسماندىكى سانسىز ھارقىن يۇلتۇزلار»بولسا، جەمئىيەتتىكى سان-ساناقسىز كىشىلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ بېرىۋاتقان ھاياتىنىڭ، سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىسىدۇر. «سانسىز ھارغىن يۇلتۇزلار نۇرىنىڭ قۇياش چىقماس جايلارغا تارىلىشى» بولسا، شائىرنىڭ ئادالەت، ھۆرلۈك ۋە بەخت-سائادەت پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ھەممە يېرىدە تولۇق ئەمەلگە ئاشسا؛ جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قاراڭغۇلۇق، ئازاب-ئوقۇبەت دېگەنلەر پۈتۈنلەي يوقالسا، شۇندىلا ئەمگەكچى خەلق ھەقىقى بەختىيار ھاياتقا ئېرىشكەن بولاتتى، دېگەندەك ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. بىلىش كېرەككى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ھاياتلىق پەقەت سېخى قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇق كاپالىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا قەدىمدىن تارتىپ «قۇياش، يولتۇز، نۇر، ھارارەت» قاتارلىق شەيئىلەر ئادالەتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، ئارزۇ ئۈمىدنىڭ، بەخت-سائادەتنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىلىنىشى بولۇپ كەلگەن. شېئىرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى ئىگىلەشتە بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. Ⅳ شېئىردىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەققىدە: شېئىردا تەكرارلاش، سىمۋول، سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلاش،، سىمۋول، ئوخشىتىش ئۇسۇللىرى كۆپرەك ھەم ئاساسلىق ھالدا قوللنىلغان مەسىلەن: ① تەكرارلاش ئۇسۇلى: شېئىردا تەكرارلاش ئۇسۇلى ئەڭ كۆپ قولىنىلغان. شېئىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرىغىچە بولغان ھەر بىر كۇپلېتتىن تەكراشلاش ئۇسۇلى قوللنىلغان ئەڭ ياخشى مىسرالارنى تاپقىلى بولىدۇ. شېئىردىكى بارلىق كۇپلېت ۋە مىسرالار تەكرارلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن زىچ باغلانغان. مەسىلەن: ● كىم يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇپ تەلپۈنەر (1-كۇپلېت 2- مىسرا) ● كىم تەسەللى ئىزدەپ چەكسىز يىراقتىن (1-كۇپلېت 3- مىسرا) ● كىممۇ رازى بولماس، ھەر بىر كۈنىمىز (2-كۇپلېت 1- مىسرا) ● كىممۇ رازى بولماس، گۈزەل بىر ئاخشام (3-كۇپلېت 1- مىسرا) ● كىم شادلانماس، كۆككە تولغان يۇلتۇزدەك (4-كۇپلېت 1- مىسرا) ● كىم يۇلتۇزغا مۇھتاج بولۇپ تەلپۈنەر (5-كۇپلېت 2- مىسرا) ● كىم يىگانە كۆيۈپ مۇدھىش سوغۇقتا (5-كۇپلېت 3- مىسرا) ● كىممۇ رازى بولسۇن ، يىللاپ شائىرلار (6-كۇپلېت 2- مىسرا) ● كىممۇ رازى بولسۇن، زۇلمەت باسقان تۈن (7-كۇپلېت 1- مىسرا) ● كىم شادلانماس لەپىلدىسە تۇغ-ئەلەم (8-كۇپلېت 1- مىسرا) يۇقارقى تەكرارلاش رولىدا كەلگەن مىسرالار ھەر بىر كۇپلېتتا بىر قېتىم، ھەتتا بەزى كۇپلېتلاردا ئېككى قېتىمدىن قىسمەن ۋاريانت ئۆزگۈرىشى ياسىغان ھالدا، ئىزچىل ھالدا تەكرارلىنىپ كەلگەن. نەتىجىدە بۇ تەكرارلاش ئۇسۇلى شېئىردىكى بارلىق كۇپلېت ۋە مىسرالارنى بىر-بىرىگە مەزمۇن جەھەتتىن زىچ باغلاپ، ھېسسىياتنىڭ زور دەرىجىدە جۇغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پۈتۈن تېكستنى قۇرۇلما جەھەتتىن ئالدى-كەينى-ئىزچىل، باش-ئاخىرى بىردەك بولۇشتەك قۇرۇلما مۇكەممەللىكىگە ئىگە قىلغان. شېئىردا بۇنداق مىسرالار بويىچە پىگورا چىقىرىپ تەكرارلاش ئۇسۇلى قوللنىپلا قالماي، يەنە كۇپلېتلار بويىچە پېگورا چىقىرىپ تەكرارلاش ئۇسۇلىمۇ قوللىنىلغان. مەسىلەن: شېئىرنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى 3-،4- مىسرالار، شېئىرنىڭ 5-كۇلېتىنىڭ 3-، 4-مىسرالىرىغا بارغاندا، مەزمۇن جەھەتتىن ئاز-تولا ئۆزگىرىش ياساپ، شەكىل جەھەتتىن پىگورا چىقىرىپ تەكراشلار ئۇسۇلىنى ياراتقان. (1- ۋە 5-كۇپلېتلارغا قارالسۇن) مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا يۇقارقى مىسرالاردا يەنە رىتورىك خىتاب ئۇسۇلىمۇ بار. مەسىلەن: ھەر بىر مىسرانى ئوقۇغان چېغىمىزدا، شائىرنىڭ خىتاب مەنىسىدىكى تۇيغۇسى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. ② سىمۋول: شېئىردا سىمۋول ئۇسۇلىمۇ ئەڭ كۆپ قوللنىلغان. مەسىلەن: نۇر، يەر-زېمىن، يۇلتۇز، پاقىراق قوڭغۇز، مۇدھىش سوغۇق، قار-مۇز، زۇلمەت باسقان تۈن، بوران، تۇغ-ئەلەم، قۇياش چىقماس يەر... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە شەيئىلەردۇر. ③ سۈپەتلەشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىمۇ خېلى كۆپ قولللنىلغان. مەسىلەن: «چەكسىز يىراقتىن، گۈزەل بىر شېئىر، گۈزەل بىر ئاخشام، بىر تال يۇلتۇز، زۇمرەت كۆلدەك، نۇرلۇق كۈي-ناۋا، مۇدھىش سوغۇق، ئورۇق يۇلتۇز، لەپىلدىسە تۇغ-ئەلەم، سانسىز ھارغىن يۇلتۇز» قاتارلىق مىساللارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ④ ئوخشىتىش: شېئىردا ئوخشىتىش ئۇسۇلى قوللنىلغان سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىلەرنى خېلى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «تۇرسا ھەسەل ھەرىسىدەك تەۋرىنىپ، كۆككە تولغان يۇلتۇزدەك قۇشلار شاخقا تولۇپ كەتسە باھاردا، زۇلمرەت باسقان تۈن خۇددى قاقاس زېمىن كەبى توڭلىسا » قاتارلىق مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ⑤ جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى: شېئىردا جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ مۇۋاپىق ھالدا قوللنىلغان. مەسىلەن: «ھەر بىر يۇلتۇز ھەسەل ھەرىسىدەك تەۋرىنىپ، ھەربىر پارچە شېئىر— تىترەۋاتقان يۇلتۇز، ئاسماندىكى سانسىز ھارغىن يۇلتۇزلار» قاتارلىقلارنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. (يۇقارقى بەزى مىساللاردا تەكرارلاش، سىمۋۇل، ئوخشىتىش، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىلىەر ئۆئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابلىرىغا باھا بەرگەندە، چوقۇم ھەممە ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.) ⑥ باشقا ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەققىدىكى تەھلىللەر مۇشۇ يەردە قىسقارتىلدى. سەۋەب، بۇ تېكىستتىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر مۇشۇ دائىرىدە بولسا بولىدۇ. شېئىر جەمئى 8 كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن. «يۇلتۇز» سۆزى پۈتۈن تېكىستتە 10 قېتىم تەكرار تىلغا ئېلىنغان، يەنى شېئىرنىڭ ئالتە كۇپلېتىدا بىر قېتىمدىن، ئىككى كۇپلېتىدا (5-كۇپلېت بىلەن 8-كۇپلېتتا) 2 قېتىمدىن تىلغا ئېلىنغان. گەرچە شېئىردا «يۇلتۇز» سۆزى شۇنچە كۆپ تەكرالانغان بولسىمۇ، شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، بىزگە سۆز تەكرالىقى تۇيغۇسىنى بەرمەيدۇ. ئوبدانراق دىققەت قىلمىغاندا پۈتۈن شېئىردا «يۇلتۇز» سۆزنىڭ بۇنچە كۆپ تەكرالانغانلىقىنى ھېس قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. ئەكسىچە بۇنداق تەكرارلىنىش شېئىردىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىش، ئوي-پىكىرنى مەركەزلەشتۈرۈش، كۇپلېتلارنى مەزمۇن جەھەتتىن زىچ باغلىنىشقا ئىگە قىلىشتا موھىم رول ئوينىغان. Ⅴ بۇ تېكىستنى ئوقۇتۇشقا مۇۋاپى
    展开阅读全文
    提示  咨信网温馨提示:
    1、咨信平台为文档C2C交易模式,即用户上传的文档直接被用户下载,收益归上传人(含作者)所有;本站仅是提供信息存储空间和展示预览,仅对用户上传内容的表现方式做保护处理,对上载内容不做任何修改或编辑。所展示的作品文档包括内容和图片全部来源于网络用户和作者上传投稿,我们不确定上传用户享有完全著作权,根据《信息网络传播权保护条例》,如果侵犯了您的版权、权益或隐私,请联系我们,核实后会尽快下架及时删除,并可随时和客服了解处理情况,尊重保护知识产权我们共同努力。
    2、文档的总页数、文档格式和文档大小以系统显示为准(内容中显示的页数不一定正确),网站客服只以系统显示的页数、文件格式、文档大小作为仲裁依据,个别因单元格分列造成显示页码不一将协商解决,平台无法对文档的真实性、完整性、权威性、准确性、专业性及其观点立场做任何保证或承诺,下载前须认真查看,确认无误后再购买,务必慎重购买;若有违法违纪将进行移交司法处理,若涉侵权平台将进行基本处罚并下架。
    3、本站所有内容均由用户上传,付费前请自行鉴别,如您付费,意味着您已接受本站规则且自行承担风险,本站不进行额外附加服务,虚拟产品一经售出概不退款(未进行购买下载可退充值款),文档一经付费(服务费)、不意味着购买了该文档的版权,仅供个人/单位学习、研究之用,不得用于商业用途,未经授权,严禁复制、发行、汇编、翻译或者网络传播等,侵权必究。
    4、如你看到网页展示的文档有www.zixin.com.cn水印,是因预览和防盗链等技术需要对页面进行转换压缩成图而已,我们并不对上传的文档进行任何编辑或修改,文档下载后都不会有水印标识(原文档上传前个别存留的除外),下载后原文更清晰;试题试卷类文档,如果标题没有明确说明有答案则都视为没有答案,请知晓;PPT和DOC文档可被视为“模板”,允许上传人保留章节、目录结构的情况下删减部份的内容;PDF文档不管是原文档转换或图片扫描而得,本站不作要求视为允许,下载前可先查看【教您几个在下载文档中可以更好的避免被坑】。
    5、本文档所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用;网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽--等)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。
    6、文档遇到问题,请及时联系平台进行协调解决,联系【微信客服】、【QQ客服】,若有其他问题请点击或扫码反馈【服务填表】;文档侵犯商业秘密、侵犯著作权、侵犯人身权等,请点击“【版权申诉】”,意见反馈和侵权处理邮箱:1219186828@qq.com;也可以拔打客服电话:0574-28810668;投诉电话:18658249818。

    开通VIP折扣优惠下载文档

    自信AI创作助手
    关于本文
    本文标题:星星变作曲.doc
    链接地址:https://www.zixin.com.cn/doc/11263874.html
    页脚通栏广告

    Copyright ©2010-2025   All Rights Reserved  宁波自信网络信息技术有限公司 版权所有   |  客服电话:0574-28810668    微信客服:咨信网客服    投诉电话:18658249818   

    违法和不良信息举报邮箱:help@zixin.com.cn    文档合作和网站合作邮箱:fuwu@zixin.com.cn    意见反馈和侵权处理邮箱:1219186828@qq.com   | 证照中心

    12321jubao.png12321网络举报中心 电话:010-12321  jubao.png中国互联网举报中心 电话:12377   gongan.png浙公网安备33021202000488号  icp.png浙ICP备2021020529号-1 浙B2-20240490   


    关注我们 :微信公众号  抖音  微博  LOFTER               

    自信网络  |  ZixinNetwork