大学毕业设计---维吾尔朦胧诗现象研究.doc
- 配套讲稿:
如PPT文件的首页显示word图标,表示该PPT已包含配套word讲稿。双击word图标可打开word文档。
- 特殊限制:
部分文档作品中含有的国旗、国徽等图片,仅作为作品整体效果示例展示,禁止商用。设计者仅对作品中独创性部分享有著作权。
- 关 键 词:
- 大学 毕业设计 维吾尔 朦胧诗 现象 研究
- 资源描述:
-
ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە قۇربانجان تەۋەككۈل قىسقىچە مەزمۇنى : بۇ ماقالىدە 80 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە باش كۆتۈرگەن يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شۇلارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ يەكۈنلەپ چىقىلغان ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. 摘要:维吾尔“朦胧诗”现象形成了维吾尔诗歌文坛上一次关于诗歌的争论风暴,也宣布了新的特色诗歌理论。 本章论述80年代中期在新疆维吾尔诗歌中出现的“朦胧诗”现象创造过程中,所获取的成就,总结维吾尔朦胧诗现象的几个特点· ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گۇڭگا شېئىر ؛ يېڭىچە شېئىرىيەت؛ مودېرنىزم. 关键词:朦胧诗,新诗潮,现代派· ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى 80 ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەخمەتجان ئوسمان، باتۇر روزى قاتارلىق ياش شائىرلارنىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان، شېئىرىيەت تەنقىدچىلكىدە «گۇڭگا شېئىر» دەپ ئاتالغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلاندى. بۇجەرياندا ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە زور بىر قېتىملىق شېئىرى ئسلاھاتنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلكىدە كۈچلۈك بەس مۇنازىرىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. شائىر ئەخمەتجان ئوسمان ۋەكللىكىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد يېڭىچە شېئىرىيەت ئىجادىيەتچىلىرى ئالدى بىلەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋى شېئىرلارغا ئوخشىمايدىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلىپ شېئىرىيەت ساھەسىدە ۋە تەنقىدچىلىك ساھەسىدە كۈچلۈك بەس ـ مۇنازىرە قوزغىدى. تەنقىدچىلىك ساھەسىدە بۇ خىل شېئىرلار «گۇڭگا شېئىر»، «مودېرنىزملىق شېئىرلار»، «سىمۋولىزملىق شېئىرلار» دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ خىلمۇ-خىل باھالار بېرىلدى. تەنقىدچىلىك ساھەسىدە بۇ خىل شېئىرلارنىڭ نەزەرىيەسى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمىدىن كەلگەن دەيدىغان قاراش ئەۋج ئېلىپ يېڭىچە شېئىرلارنى چەتكە قاقىدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەندى. قىسقىسى؛ يېڭىچە شېئىرلارنى قوبۇل قىلغۇچىلارمۇ، ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇردى. يېڭىچە شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى گۇڭگا، ئىپادىلەشتە يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر ئاسانلىقچە چۈشنەلمەيدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ خەنزۇ تىلىدىكى «朦胧诗» يەنى «گۇڭگا شېئىر» دېگەن ئاتالغۇ بويىچە خاراكتېرلەندى ۋە نەزەرىيە ئاساسىنى غەرب مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى دەيدىغان قاراش شەكىللەندى. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تۈركۈم ياش شائىرلارنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ نىسپىي تۇرغۇنلىقىغا قارشى سەگەك پوزىتسىيەسى ئىدى. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى مامبەت تۇردى «20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا پەيدا بولغان گۇڭگا شېئىرلار ھەرگىزمۇ تاسادىپي ھادىسە بولماستىن بەلكى ئۇ ئىجتىمائىي، تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە»① دەپ ئېيتقاندەك ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ شېئىرىيەت سەھنىمىزدە پەيدا بولۇشى يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە بىر قىسىم ياش شائىرلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى دۇنياۋى شېئىرىيەت مۇنبىرى قاتارىغا قويۇپ ئويلىنشىنىڭ مۇقەددىمسى ئىدى. غەرب ئەدەبىيات مۇنبىرىدە داڭق چىقارغان سىمۋولىزم پېشۋاسى فرانسىيەلىك شائىر چارلېس بودىلىر ‹charles Baudelair› ‹1876 ـ 1821› ئېلان قىلغان «رەزىل گۈللەر» ناملىق سىمۋولىستىك شېئىرلار توپلىمى فرانسىيە ئەدەبىياتىدا جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتى ساھەسىدە مودېرنىزمنىڭ رەسمىي بارلىققا كېلىشنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا شېئىرىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ مودېرنىزملىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى كۆپلىگەن ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمى بودىلىر ۋە ستېفان ماللارمىي ‹1898ـ 1847› قاتارلىق فرانسىيە ئەدىبلەرنىڭ دائىرسىدىن ھالقىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا تارقالغاندىن كېيىن مودېرنىزم ئەدەبىيات ئېقىمى دۇنياۋى ئەدەبىيات ئېقىمى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن چەتئەل شائىرلىرى ئىچىدە بودىلىر ۋە ماللارمىيدىن باشقا توماس ئېلئوت مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. توماس ئېلئوت ـ ‹Thomas stearns eliot 1965 ـ 1888› ھازىرقى زامان ئەنگلىيە ـ ئامېرىكا شېئىرىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر شائىر. ئۇنىڭ «باياۋان» ناملىق داستانى 20 ـ ئەسىر ئەنگلىيە ـ ئامېرىكا شېئىرىيىتىدە دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر دەپ قارىلىدۇ. ئۇ «ئىرادە ۋە شەخسىي تالانت» ناملىق ماقالىسىدە «خۇسۇسىيسىزلاشتۇرۇش» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ بۇ نەزەرىيە ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. كۆپلىگەن يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقمىدىكى شائىرلار ئېلئوت ئېيتقاندەك سوبيېكتىپ ھېسسياتنى يېزىشنى، سوبيېكتىپ تۇيغۇنى ئەقلىي ئىدىيەگە بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆز شېئىرلىرىدا شەخسىي ھېسسياتنى ئىپادىلەشنى چىقىش قىلدى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى گۇڭگىلىق ئىلگىرىكى شېئىرلارغا قارىغاندا تېخمۇ كۈچلۈك بولۇپ شېئىرى ئوبراز، شېئىرى ئىماگ ۋە شېئىرى بوشلۇقنىڭ غۇۋالىقىنى شەكىللەندۈردى. شېئىر ـ يۈكسەك تىل سەنئىتى. ئۇ يېڭلىنىىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. ئاتاقلىق تىلشۇناسىمىز مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن يېڭىچە شېئىرلار ھەققىدە «يېڭلىق ياراتماي، مەنىسىز ئەنئەنىنى بويلاپ مېڭىۋېرىش كونىلىققا قايتىش بولۇپ قالىدۇ»② دەپ ئېيتقاندەك، بىر قىسىم شائىر، تەتقىقاتچىلار يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى شۇنداقلا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە قوللاش پوزىتسىيەسىنى شۇنداقلا ساقلاپ قېلىش يېتەكلەش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. يەنە بىر قىسىم شائىر، تەتقىقاتچىلار كىلاسسىك شېئىرىيەتكە بولغان ھۆرمىتى چوڭقۇر بولغاچ «ئۇلار شېئىرىيەتنىڭ مۇئەييەن ئىجتىمائىي مەزمۇن بىرلىكى بىلەن شائىرنىڭ ئەسىرىدە ئەكس ئېتىدىغان بەدىئىي غايىۋى مەقىسىتىنى يوققا چىقىرىپ، شېئىرىيەتنىڭ لىرىك مەزمۇنىنى مۇقىم تۇرغۇنلىققا ئىگە بولغان مۇناسىپ بەدىئىي شەكىلدىن ئايرىپ شېئىرىيىتىمزنى سېھرى ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلدىغان ۋەزىن، تۇراق، قاپىيەگە ئوخشاش نورمال گۈزەللىكلەرنى ئىنكار قىلدى»③ دېگەندەك قاراش بىلەن يېڭىچە شېئىرلارنى چەتكە قاقتى. قىسقسى يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئەنئەنىۋى شېئىرلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى كۈچلۈك بەس ـ مۇنازىرە قوزغىدى. بىرىنچى ئەۋلاد ياش شائىرلار قوزغىغان يېڭىچە شېئىرىيەت ئىنقىلابى ئاز بولمىغان توسالغۇلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ باتۇر روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، مۇختار مەخسۇت قاتارلىق شائىرلار يېڭىچە شېئىرىيەتكە ئالاقىدار كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ يېڭىچە شېئىرلارنىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇشى شۇنداقلا كۆپلىگەن ھەۋەسكارلارنى جەلپ قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاندى. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى قىسقىغىنە مۇساپىسى جەريانىدا ئەخمەتجان ئوسمان ۋەكىللىكىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد شائىرلاردىن كېيىنلا ئادىل تۇنىياز، پەرھات ئىلياس، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قەيسەر تۇرسۇن، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت قاتارلىق ئىككىنچى ئەۋلاد ياش شائىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئىككىنچى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى بىرىنچى ئەۋلاد شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمىسىمۇ شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن پەرقلىنىپ تۇردى. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىىيىتى شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە خېلى ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى. بۇجەرياندا «خائىن تاغلار»، «قەشقەردىكى يەرشارى»، «چوغ سورىغان بالا»، «سالغا تېشى»غا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كېلىپ شېئىرىيەت سەھنىسىدە ئاز بولمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى جەريانىدا ئۆزىگە خاس بەزى ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ بۇخىل ئالاھىدىلىكلەر ئىككى ئەۋلاد يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. 1. ئىنسان روھىنى ئۇلۇغلاش، ئىنسانىي كۈيلەش، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان. ئەدەبىياتنىڭ ئوبيېكتى ئىنسان، جۈملىدىن شېئىرىيەتمۇ ئىنسانغا مەنىۋى زوق ياكى ۋاستىلىق تەربىيە بېرىشنى مەقسەت قىلدۇ. كىشلەردىن تەركىب تاپقان جەمئىيەتلا بولدىكەن ئاخىرقى ھېسابتا، شېئىرى ئىجادىيەتتە يەنىلا ئادەم، ئادەمنىڭ خاراكتېرى، ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى ۋە ھېسسياتى تەسۋىرلىنىپ تۇرمۇشتىكى ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە تەقدىرىنى ئىپادىلەش ئاساسىي مەسلە ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن مەيلى كىلاسسىك شېئىرىيەت بولسۇن مەيلى يېڭىچە شېئىرىيەت بولسۇن ئىنسان روھىنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلىشى ئېنىق. ئۇنداقتا ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدە بۇ تېما قانداق ئەكس ئەتتۈرۈلدى؟ ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلار ئىنسان روھى تېمىسىنى يېڭىچە تەپەككۇر، يېڭىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئىپادىلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ئۆزىنى ئىپادىلەش، ئۆزىنى ئىزدەش، ئۆزىدىن ھالقىش، ئۆزىنى يېڭلاش قاتارلىق مۇرەككەپ ئىنسان روھىنى ۋە تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ ئىنساننىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ئۇلۇغلىغان. مەسلەن : ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ھەمىشە»، «روبېنزون كروزو»، «ئۆلۈمنى ئىزدەش»، باتۇر روزىنىڭ «ئايسىز ئايدىڭ»، «جەڭنامە»، پەرھات ئىلياسنىڭ «چوغ سورىغان بالا» ناملىق شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. تۆۋەندە بىز پەرھات ئىلياسنىڭ «چوغ سورىغان بالا» ناملىق شېئىرىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى: شېئىردا ھاياتلىق پائالىيىتى ئىچىدىكى ئىنساننىڭ بۈيۈكلۈكىگە مەدھىيە ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ئىنساننىڭ ئۇلۇغلىقى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن. قاق سەھەردە لاخشىگىرنى كۆتۈرگىنىچە بىر بالا قولتۇقىدا لاخشىگىر، مۇزلىغان قوللىرىنى ھورداپ قويۇپ ئىشىكىنى چېكەر ئۇپۇقنىڭ. كۆزلىرىنى ئاچالماس تەڭرى، ئەگىپ ـ ئەگىپ كەتمەيدۇ بالا. يۇقىرىقى شېئىردا تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش ھەلەكچىلكىگە جاپاكەش ئانسى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بۇيەردە دېيىلىۋاتقان «تەڭرى» بىلەن قۇياش شائىرنىڭ تۇيغۇسىدا بىر گەۋدىلشىپ كەتكەچكە قۇياشتىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتكەن بالىنىڭ جۇشقۇن ھايات روھىغا مەدھىيە ئوقۇغان. 2. شېئىرىيەتتە سوبيېكتىپنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ سوبيېكتىپ ھېسسيات ئىچىدىن ئەقلىيلىكنى ياكى ئىدىيەنى ئىپادىلەشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. ئېلئوت «شېئىردا دەسلەپكى سىمۋولىزمچىلارغا ئوخشاش شائىرنىڭ ھېسسياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرماسلىقى كېرەك، شائىر ئەسەردىن يېنىپ چىقىپ ئۆز ھېسسياتىنى سوغۇققانلىق بىلەن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئەقلىي ئىدىيەلەرگە بويسۇندۇرۇش، تۇيغۇ ئارقىلىق ئىدىيەنى ئىپادىلەش، ئىدىيەنى تۇيغۇغا قايتۇرۇش، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ كونكرېت ئوبرازى ئارقىلىق ئىدىيەنى بەدىئىي ھالدا ئىپادىلەش شۇئارقىلىق كىتابخانلارنى ئوبرازلار ئارقىلىق شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا ھېسسىي ئىنكاس قايتۇرىدىغان، ئاندىن بۇ ئىنكاسنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەقلىي بىلىشكە ئايلاندۇرىدىغان قىلىش لازىم»④ دېگەننى تەشەببۇس قىلغىنىدەك ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىدىمۇ سوبيېكتىپ ھېسسياتنى ئىپادىلەشنى، سوبيېكتىپ ھېسسيات ئىچىدىن ئىدىيەنى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئەقلىيلىك بىلەن ئىدراكنى ئىپادىلەشنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ كۆپلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا بۇ خىل مەزمۇن يارقىن گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتى تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇنلىغان يېڭىچە شېئىر ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلغاندىن كېيىن سان جەھەتتىن كۆپىيىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن بېيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ كۆپلىگەن شائىرلار تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇسىنى ئۆز شېئىرلىرىدا مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن موللىشىشىغا تۈرتكە بولدى. مەسلەن : يېڭىچە شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان ياش شائىر ئالىمجان تۆمۈر تۇراننىڭ «سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى» ناملىق شېئىرى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. سىرىتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى يېشىل كىيىملىك دەرەخلەر ھۆل چاچلىرىنى سىلكىپ ناخشا توۋلايتتى. يامغۇر سۈيى قېپيالىڭاچ يۈگۈرگىنچە ئۆيگە قايتىشقا ئۇنىمايدىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى يامغۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ قالغان قىز پاتقاق كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ كۈنلۈككە ئەمەس مۇھەببەتكە مۇھتاجلىقىنى ھېس قىلىپ قالاتتى. شائىرنىڭ بۇ شېئىرىدا جىمجىت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان غېرىبلىقنىڭ ۋە يالغۇزلۇقنىڭ شېئىردىكى «مەن» قەلبىدە ئەكس ئېتىشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ شېئىردىكى «مەن» نىڭ روھى بۇرۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇپ سىرىتتىكى يامغۇردەك گۈزەل ۋە ئازادە كەيپىياتقا بولغان تەلپۈنۈشى ئەكس ئەتكەن. قىسقىسى يېڭىچە شېئىرلاردا شائىرنىڭ سوبيېكتىپ ھېسسىيات مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ سوبيېكتىپ ھېسسىيات ئىچىدىن ئوقۇرمەن قوبۇل قىلالايدىغان شېئىرى بوشلۇقنى يارىتىپ شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى شېئىرى مۇھىتنىڭ بىر گەۋدىلنىشىنى ھاسىل قىلغان. 3. شەھەرلىشىىش دولقۇنىدىكى ئۇيغۇر جەمئيىتى رېئاللىقىنى ۋە كۈچلۈك دىنىي تۇيغۇنى ئاساسىي ئىپادىلەش مەزمۇنى قىلغان. شەھەرلىشىش ئۇيغۇر جەمئيىتىگە يېڭى ـ يېڭى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى شۇنداقلا تېخىچە نادانلىقتا ياشاۋاتقان بىر توپ خەلقنى گاڭگىرىتىپ قويدى. يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى كۆپلىگەن شائىرلار بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىپ گاڭگىراپ قالغان ئۇيغۇر رېئاللىقىنى ئۆز شېئىرلىرىدا ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلدى. تالانتلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنى بۇ نۇقتىدا ئەڭ كۆپ ئويلانغان شائىر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرى مۇشۇ تېمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ تۆۋەندىكى «ماشىنا چىرىغى» ناملىق شېئىرى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. كېچىدە ماشىنىنىڭ كۆزلىرى يانار ۋەھىمە ئىچىدە. ئوڭغا بۇرۇلدۇق تاپالمىدۇق، سولغا بۇرۇلدۇق قاچالمىدۇق. شەبنەم چۈشۈۋاتقان گۈلنىڭ بەرگىدە ھەردەم گۈزەللىك، جىمجىت ۋەھىمە. ۋاللىدە شولا چۈشتى ئاق تامغا مۆشۈكنىڭ نىقابىنى كۆرۈپ قالدىم. مەن تام تۈۋىدە ئۆلۈپ قالدىم ھەر قېتىم بىر سايىنىڭ يۈزى بىلەن. شېئىردىكى ماشىنا چىرىغى مۇرەككەپ شېئىرى ئوبراز بولۇپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا مەجبۇرى سىڭىپ كىرىۋاتقان سانائەتنىڭ ، زامانىۋىلىقنىڭ، شۇنداقلا شەھەرلىشش قەدىمىنىڭ شولىسى دېيىشكە بولىدۇ.شېئىردىكى شولا ئۆزگەرتىۋاتقان «ئاق تام» يەنى پاكلىق ئىچىدىكى قىز ـ ئاياللارنىڭ ئۆزلۈكىنى يوقۇتۇۋاتقانلىقىدەك پاجىئەنى كۆرگەن مىللىي غورۇرغا تويۇنغان ئەر ھەرقېتىم خورلۇق ئىچىدە ئۆلىدۇ. مانا بۇ رېئاللىقىمىزنى تونۇپ يەتكەن ھەربىر ۋىجدان ئىگسىنىڭ ئورتاق تۇيغۇسى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان شائىرلار شەھەرلىشىىش قەدىمى جەريانىدا شەكىللەنگەن يېڭى ـ يېڭى مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە كۈچلۈك دىنىي تۇيغۇسىنى ئىپادىلگەن . مەسلەن : ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «بەش بىلەن يەتتە ئارلىقى» ناملىق شېئىرى بۇنىڭ دەللى بولالايدۇ. ئېقىپ چۈشتى يۇلتۇز سۇنۇقى تىتىرمەكتە پالچىنىڭ لېۋى. ھالاكەتتەك تاتارغان زېرىكىشلىك شەھەر ئاسمىنى! رەڭسىز ھاۋا تىراگېدىيە، دات باسماقتا كېچە باغرىنى. كاۋاپداندەك ئىسسىق بالىلار جىمىرلايدۇ دوقمۇش ـ دوقمۇشتا. تۇل ئايالنىڭ كۈندەشلىكىدەك ئېتىقادلار كۆيەر بەك ئاستا يۇقىرىقى شېئىردىكى يۇلتۇز بەلكىم شېئىرى بوشلۇق ئىچىدىكى قىزنىڭ سىمۋولى ، رەڭسىز ھاۋا زامانىۋىلىق قەدىمىگە يېتشەلمەي ئارقىدا قالغان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى كۆرستىشى مۇمكىن. شېئىردا مىللى ئىدېئولوگىيەنىڭ زامانىۋى ھالىتى بىلەن شەھەرلىشىىش دولقۇنى ئوتتۇرسىدىكى شەكىلسىز كۈرەش ۋە بۇنىڭ «رەڭسىز ھاۋا» يەنى زامانىۋى ياتلىشىىشتىن ئىبارەت تىراگېدىيە ئىچىدىكى ئۇيغۇر رئېاللىقىنىڭ قىسقىغىنە كارتىنىسىنى شۇنداقلا ئاستا ـ ئاستا ئېتىقادسىزلىشىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئوبرازىنى ئىپادىلگەن. 4. مۇھەببەت، قىز ـ ئاياللار، ئانا ۋە قېرىنداشلىق مېھرى تېمىسىدىن ئىبارەت دۇنياۋى ۋە مەڭگۈلۈك تېمىلارنى ئىپادىلەشنى مەزمۇن قىلغان. مۇھەببەت تېمىسى تالاي يىللاردىن بۇيان شائىرلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يورۇتۇلۇپ كەلدى. مۇھەببەتنى كۈيلەش، ئۇلۇغلاش، قىز ـ ئاياللارنى مەدھىيەلەش يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭمۇ ئاساسلىق ئىپادىلەش مەزمۇنى بولۇپ كەلدى. بۇ تېملاردا يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ ئۇلار مۇھەببەت، ۋە قىز ئاياللار تېمىسىنى شۇنداقلا ئانىنى ئۇلۇغلاش، ئانىلىق مېھرىنى كۈيلەشنى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئىپادىلىگەچكە كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇنىڭغا مىسال ئورنىدا ياش شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ «مۇبارەك» ناملىق شېئىرىنىڭ مۇنۇ بىر كۇبلېتىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: ئانا دەپ توۋلىسام نىدا قىلىدۇ، قەلبىمدە يوقالماس سادا قالىدۇ. قىزغىنىپ ئېتىقاد، سۆيگۈمنى مەندىن، ئۆرتىنىپ ئەرشتە خۇدا قالىدۇ. «بەزى كىشلەرنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ قۇدرىتى بۈيۈك. شۇ سەۋەبلىك شۇ سانسىز ئىنسان قەلبىدىكى خۇداغا بولغان ئېتىقاد ۋە سۆيگۈ ھەر قانداق مەۋجۇدلۇققا بولغان سۆيگۈ ۋە ئېتىقادتىن كۈچلۈك. ئەمما شائىرنىڭ ئانسىغا بولغان ئېتىقاد سۆيگۈسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغكى، ئۇنىڭدىن ھەتتا خۇدامۇ ھەيران قالىدۇ.مانا بۇ ئانا سۆيگۈسى ھەققىدىكى يەنە بىر گۈزەل ھېكمەت»⑤ شۇنداق، بۇ خىل ھېسسىيات يالغۇز غوجىمۇھەممەتنىڭلا ھېسسياتى بولۇپ قالماستىن كۆپلىگەن يېڭچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى شائىرلارنىڭ ھېسسياتى بولۇپ بۇخىل ھېسسيات ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئېتىلىپ چىقتى. 5 . كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقچىللىق ئىدىيە ئاساسلىق ئىپادىلەش مەزمۇنى قىلىنغان. يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكى كۆپ سانلىق شائىرلار ۋەتىن展开阅读全文
咨信网温馨提示:1、咨信平台为文档C2C交易模式,即用户上传的文档直接被用户下载,收益归上传人(含作者)所有;本站仅是提供信息存储空间和展示预览,仅对用户上传内容的表现方式做保护处理,对上载内容不做任何修改或编辑。所展示的作品文档包括内容和图片全部来源于网络用户和作者上传投稿,我们不确定上传用户享有完全著作权,根据《信息网络传播权保护条例》,如果侵犯了您的版权、权益或隐私,请联系我们,核实后会尽快下架及时删除,并可随时和客服了解处理情况,尊重保护知识产权我们共同努力。
2、文档的总页数、文档格式和文档大小以系统显示为准(内容中显示的页数不一定正确),网站客服只以系统显示的页数、文件格式、文档大小作为仲裁依据,个别因单元格分列造成显示页码不一将协商解决,平台无法对文档的真实性、完整性、权威性、准确性、专业性及其观点立场做任何保证或承诺,下载前须认真查看,确认无误后再购买,务必慎重购买;若有违法违纪将进行移交司法处理,若涉侵权平台将进行基本处罚并下架。
3、本站所有内容均由用户上传,付费前请自行鉴别,如您付费,意味着您已接受本站规则且自行承担风险,本站不进行额外附加服务,虚拟产品一经售出概不退款(未进行购买下载可退充值款),文档一经付费(服务费)、不意味着购买了该文档的版权,仅供个人/单位学习、研究之用,不得用于商业用途,未经授权,严禁复制、发行、汇编、翻译或者网络传播等,侵权必究。
4、如你看到网页展示的文档有www.zixin.com.cn水印,是因预览和防盗链等技术需要对页面进行转换压缩成图而已,我们并不对上传的文档进行任何编辑或修改,文档下载后都不会有水印标识(原文档上传前个别存留的除外),下载后原文更清晰;试题试卷类文档,如果标题没有明确说明有答案则都视为没有答案,请知晓;PPT和DOC文档可被视为“模板”,允许上传人保留章节、目录结构的情况下删减部份的内容;PDF文档不管是原文档转换或图片扫描而得,本站不作要求视为允许,下载前可先查看【教您几个在下载文档中可以更好的避免被坑】。
5、本文档所展示的图片、画像、字体、音乐的版权可能需版权方额外授权,请谨慎使用;网站提供的党政主题相关内容(国旗、国徽、党徽--等)目的在于配合国家政策宣传,仅限个人学习分享使用,禁止用于任何广告和商用目的。
6、文档遇到问题,请及时联系平台进行协调解决,联系【微信客服】、【QQ客服】,若有其他问题请点击或扫码反馈【服务填表】;文档侵犯商业秘密、侵犯著作权、侵犯人身权等,请点击“【版权申诉】”,意见反馈和侵权处理邮箱:1219186828@qq.com;也可以拔打客服电话:0574-28810668;投诉电话:18658249818。




大学毕业设计---维吾尔朦胧诗现象研究.doc



实名认证













自信AI助手
















微信客服
客服QQ
发送邮件
意见反馈



链接地址:https://www.zixin.com.cn/doc/2167738.html